جياڭ دېجياڭ بېلارۇسىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 10:53

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

بېلارۇسىيە خەلق پارلامېنتى جۇمھۇرىيەت پالاتاسىنىڭ رەئىسى مىياس نىكوۋىچ ۋە ۋەكىللەر پالاتاسىنىڭ رەئىسى ئاندېرېچېنكونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جياڭ دېجياڭ 16-ئاپرېلدىن 18-ئاپرېلغىچە بىلرۇسىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى. مىنىسكىدا زۇڭتۇڭ لۇكاشىنكو، زۇڭلى كوبېياكوۋ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى، مىياس نىكوۋىچ ۋە ئاندېرېچېنكو بىلەن سۆھبەتلەشتى.

جياڭ دېجياڭ ئالدى بىلەن لۇكاشىنكوغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بېلارۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك دوستلۇقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ مەنپەئەت ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. لۇكاشىنكو جياڭ دېجياڭدىن رەئىس شى جىنپىڭغا سالام يوللىدى، بېلارۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ساياھەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جياڭ دېجياڭ زۇڭلى كوبېياكوۋ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بېلارۇسىيەنى «بىر بەلباغ بىر يول»دىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى دەپ بىلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» رامكىسى ئاستىدا ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كوبېياكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، بېلارۇسىيە سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ۋە ئاشۇرما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارغا مەبلەغ سېلىش ۋە سودىسىنى كېڭەيتىش، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ.

جياڭ دېجياڭ رەئىسى مىياس نىكوۋىچ ۋە ئاندېرېچېنكو بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرى جۇڭگو-بېلارۇسىيە دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ قەتئىي قوللۇغىچىسى ۋە ئاكتىپ قۇرغۇچىسى، ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ، ئادىمىيەت، يەرلىكلەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مىياس نىكوۋىچ ۋە ئاندېرېچېنكو: ئەمەلىي ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.