كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 16:29

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 19-ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندىن ئايان بولۇشىچە، بىرىنچى پەسىلدە مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ۋەقەسى 10131 قېتىم يۈز بېرىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.3 ئازايغان، 7196 ئادەم قازا قىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.6 ئازايغان؛ يەتتە قېتىم ئېغىر ۋەقە يۈز بېرىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىرى كۆپەيگەن، يېقىنقى بەش يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە 11 قېتىم ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ۋەقە يۈز بېرىشكە قارىغاندا، %36.7 ئازايغان، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقە يۈز بەرمىگەن.

ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقە يۈز بېرىش سانى نىسبەتەن مۇقىم بولغان، بىراق ئوت مەشغۇلاتىدىن پەيدا بولغان ئوت ئاپىتى ۋە پارتلاش ۋەقەلىرى، بىر قەدەر چوڭ ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى سەل كۆپەيگەن، كۆمۈر كان ساھەسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدىكەن. ئۆتكەن يىلى 4-پەسىلدىن بۇيان ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر كۆمۈر كان ۋەقەلىرى بىر قەدەر مەركەزلىك يۈز بەرگەن؛ بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە يۈز بەرگەن يەتتە قېتىملىق ئېغىر ۋەقەنىڭ تۆتى كۆمۈر كان ۋەقەسى، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مەمۇرىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى داشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى بىر مەزگىلدىكى بازار كاساتلىشىشنىڭ تەسىرىدە بىخەتەرلىككە سالغان مەبلىغىنىڭ يېتەرسىز بولغانلىقى، بىخەتەرلىكتىكى قەرزىنىڭ كۆپلۈكى يەنە نۇرغۇن يوشۇرۇن خەۋپنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى تۆتىنچى پەسىلدە كۆمۈر كان بازىرى ياخشىلاندى، كارخانىلار پايدىنى قوغلىشىپ، قەرزىنى قىسقا ۋاقىتتا تولدۇرۇش تەس بولغان ئەھۋالدا، ئىشلەپچىقىرىشنى قارىغۇلارچە كېڭەيتتى، ھەتتا قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەپچىقاردى، بۇنىڭ بىلەن ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقەلەر كۆپ يۈز بەردى. ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر كان سانائىتىنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىلا مۇۋاپىق ئەمەس، كىچىك، قالاق كۆمۈر كانلار يەنىلا بىر قەدەر كۆپ.