بىرىنچى پەسىلدە ئىستېمالچىلاردىن 120مىڭدىن كۆپرەك ئەرز تاپشۇرۇپ ئېلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 17:14

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە مەملىكەت بويىچە ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى ئىستېمالچىلاردىن جەمئىي 123مىڭ 300 ئەرز تاپشۇرۇپ ئېلىپ، 96مىڭ 300نى ھەل قىلدى، ئەرزنىڭ ھەل قىلىنىش نىسبىتى %78.1گە يەتتى، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن 160مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيان قايتۇرۇپ كېلىندى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە توختام مەسىلىسى يەنىلا ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، ئومۇمىي ئەرز مىقدارىنىڭ %70دىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئۆزى توپلىغان، 2016-يىلى مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن ھۆكۈم چىقىرىلغان 376 تور ئىستېمال دېلوسىنى تەھلىل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش دېلوسىدىن 185ئى بار بولۇپ، %49.2نى ئىگىلەيدۇ، توختام ماجىراسىدىن 137سى بار بولۇپ، %36.4نى ئىگىلەيدۇ، باشقا جەھەتتىكى تور ئىستېمال دېلولىرى ئاساسلىقى مەھسۇلات مەسئۇلىيىتى، نامۇۋاپىق رىقابەت قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.