جاڭ دېجياڭ بىلەن يۈ جېڭشېڭ خۇڭسېن بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 15:12

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 16-ماي خەلق سارىيىدا كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

جاڭ دېجياڭ كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتىنى قوشنىلار دوست ئۆتۈش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ نەمۇنىسى دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كامبودژا پارلامېنتى، كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو-كامبودژا ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، يەرلىكلەر، ياشلار، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قوللاپ، جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشنى خالايدۇ.

خۇڭسېن مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى تارىخىي خاراكتېرلىك يىغىن بولدى. مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىم - ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگوغا چېتىشلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدە، كامبودژا ئىزچىل سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ.

يۈ جېڭشېڭ كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: جۇڭگو-كامبودژا ئەنئەنىۋىي دوستلار، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى كامبودژا كېڭەش پالاتاسى بىلەن دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇق ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

خۇڭسېن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. كامبودژا جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.