يىپەك يولى خەلقئارا باش سودا جەمئىيىتى ۋەكىلى بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ماختىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 15:12

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

15-ماي بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يېپىلىش پەيتىدە يىپەك يولى خەلقئارا باش سودا جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى كالىيى مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپلا قالماستىن يەنە مىليونلىغان ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، دۇنيا بۇ خىل ھەمكارلىق تەشەببۇسىغا موھتاج.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول تۇنجى قېتىم روياپقا چىقتى، بۇ تەشەببۇس جەزمەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، چۈنكى بۇ تەشەببۇسنى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەمدە كەڭ قورساق بولۇپ ئېچىۋېتىش سەھنىسى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ، يىپەك يولى خەلقئارا باش سودا جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى جامال ئىناشۋىل مۇنداق دېدى: سودا جەمئىيىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا بىز مۇنبەردىن ناھايىتى كۆپ سودا پۇرسىتىنى كۆردۇق، بۇلار جۇڭگو خەلقىگە نەپ ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا دۆلەتلەر خەلقىمۇ نەپكە ئېرىشىدۇ. يىپەك يولى خەلقئارا باش سودا جەمئىيىتى پائال شارائىت يارىتىپ، سودا ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ.

يىپەك يولى خەلقئارا باش سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لۈ جيەنجوڭ مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى دەۋر بۆلگۈنچى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: باش سودا جەمئىيىتى بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، خەلقئارا ئەل ئىچى مەدەنىيەت ئالاقىسى بىلەن سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ.