سودا مىنىستىرلىقى: ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ ئالاقىدار دۆلەتلەر خەلقىگە بالدۇرراق نەپ يەتكۈزۈلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 15:13

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

رەئىس شى جىنپىڭ 14-ماي بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى باش مەقسەتلىك نۇتۇقىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو كەلگۈسى ئۈچ يىلدا بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 60 مىليارد يۈەن ياردەم قىلىدۇ. سودا مىنىستىرلىقى چەتئەللەرگە ياردەم بېرىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى 15-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 60 مىليارد يۈەن ئاساسلىقى ھەقسىز ياردەم ۋە ئۆسۈمسىز قەرز پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق مەسىلىلەرگە ئاساسەن جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ۋە ئىقتىساد سودا ئاپپاراتلىرى بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمكارلىق نۇقتىلىرىنى بېكىتسە بولىدۇ؛ سىياسىي ئالاقە، ئەسلىھەلەر بىرلەشمە ئالاقىسى، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى كونكرېت تەلەپنى چۆرىدەپ، ئالدىنقى باسقۇچتا دەلىللەش، كېلىشىم ئىمزالاش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش قاتارلىق ھەر قايسى باسقۇچتا ھەمكارلىق بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە ئادەتتىكى ئاممىغا بالدۇرراق نەپ يەتكۈزسە بولىدۇ.