لى كېچياڭ كامبودژا پادىشاھى خۇڭسىن بىلەن سۆھبەتلەشتى، بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 16:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا رەسمىي زىيارەتكە ھەم بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، يېڭى خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادى ۋەزىيەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى نۇرلاندۇردى. جۇڭگو كامبودژا بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايوندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ، كامبودژا بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى تېز ئۇلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ سۈپەت ۋە سان جەھەتتە تەڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى چىڭ تۇرۇپ، كامبودژانىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، ساياھەت، مەدەنىيەتنى قوغداش، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتسە بولىدۇ.

خۇڭسىن مۇنداق دېدى: بىز بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز. كامبودژا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە لەنساڭجياڭ-مىكون دەريالىرى ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى كېچياڭ خۇڭسىننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇلاشتۇرۇش، ئىقتىساد، تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر قانچە ئىككى تەرەپلىك ھۆججەتنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

لى كېچياڭ تۈنۈگۈن«بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىتالىيە زۇڭلىسى گېنتىلونى، بېرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسانسۇكى، سېرلانكا زۇڭلىسى ۋېكرېمېسېنخا، فىجى زۇڭلىسى مۇبەينىماراما ھەمدە سېربىيە زۇڭلىسى، يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ۋۇجىچ بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى.

لى كېچياڭ ئىتالىيە زۇڭلىسى گېنتىلونى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە بىر بىرىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكلىرى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىم ئىككى دۆلەت ئورناتقان زۇڭلىلارنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمىنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، دىققىتىنى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈشىنى، بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ 2017-يىلىدىن 2020-يىلغىچە بولغان ھەمكارلىق ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2020-يىلى جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 50 يىل بولغاندا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ پورت قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

گېنتىلونى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتالىيە جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، 2017-يىلىدىن 2020-يىلغىچە بولغان ھەمكارلىق ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار، يېزا ئىگىلىكى، 3- تەرەپ بازىرى قاتارلىق كەڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، پورت قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ بېرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسانسۇكى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو باشتىن ئاخىرى بېرما بىلەن دوست ئۆتۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بېرما بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون، نېفىت گازى تۇرۇبىسى، پورت قاتارلىق چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، مىسۇڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ھەمكارلىق كۆزلىمىسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بېرمىنىڭ شىمالىدا بالدۇرراق ئۇرۇش توختىتىلىپ، جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ چېگرا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئاڭسانسۇكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېرما جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونى ياخشى دوستى دەپ قارايدۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسى كامىل، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ سېرلانكا زۇڭلىسى ۋېكرېمېسېنخا بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سودىغا مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو سېرلانكا بىلەن بازار پىرىنسىپى ۋە سودا قائىدىسى بويىچە كولومبو پورت شەھىرى، خامبانتوتا پورتى، ئەشيا ئوبوروتى ۋە سانائەت باغچىسى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، سېرلانكىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن، سىياسەت، بىخەتەرلىك ۋە جامائەت پىكىرى جەھەتتە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ۋېكرېمېسېنخا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېرلانكا جۇڭگو بىلەن ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سېرلانكىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ،ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ فىجى زۇڭلىسى مۇبەينىماراما بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنىڭ پۇختا بولۇشىدەك ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

مۇبەينىماراما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فېيجى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى كەڭ ۋە كۈچلۈك. فېيجى جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن كەسىپ ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

لى كېچياڭ سېربىيە زۇڭلىسى، يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ۋۇجىچ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو سېربىيە بىلەن بىرلىكتە چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ۋېنگىرىيە سېربىيە تۆمۈر يولى ئىككى تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، ئىككى تەرەپنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايوننىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو سېربىيە بىلەن ئىككى تەرەپلىك سودىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئادىمىيەت، ساياھەت ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو سېربىيە قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن «16 قوشۇلغان 1» ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ كۆپرەك پايدا ئېلىشنى خالايدۇ.

ۋۇجىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېربىيە جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە نەپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «16 قوشۇلغان 1» ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.