يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى رەسمىي باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 16:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى 16-ماي رەسمىي باشلاندى. شۇ كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇرا تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ھەرقايسى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئالتە مەيدان زىچ يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى. دېمىستۇرا سۆھبەتتىن كېيىن ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزمىدى، سىرتقا سۆھبەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنىمۇ ئاشكارىلىمىدى.

دېمىستۇرا بۇرۇن مۇنداق دېگەن ئىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قارالمىلىرى يەنىلا بۇرۇن جەزملەشتۈرۈلگەن مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى قۇرۇش، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قايتىدىن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆت ئىش». بىراق بۇ قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتىدە يەنە قىسمەن ئاسانراق قارالمىلار تاللىنىپ مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىنىپ، تېزراق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا قولايلىق يارىتىلدى.