لى شيەنلوڭ جاۋ لېجى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 16:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلوڭ 16-ماي زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى بىلەن كۆرۈشتى.

جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: جۇڭگو جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىنگاپور بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. سىنگاپورنىڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەتلىك رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى بىرلىكتە قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

لى شيەنلوڭ جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىنگاپور رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىنگاپور شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەت، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا تەرەققىي قىلىشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.