ماكرى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى روھىدىن ئۆرنەك ئالىمىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 16:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماكرى 16-ماي بېيجىڭدا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە جۇڭگونىڭ باشلىقلار مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىجادىي لايىھەسىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.

ماكرى ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئارگېنتىنانىڭ 2-چوڭ سودا شېرىكى، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا يۈكسەك تولۇقلاشچانلىققا ئىگە. ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا ئۆزئارا تولۇقلايدىغان نۇرغۇن بوشلۇق بار، نۇرغۇن ساھەلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىشالايدۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

ماكرى يەنە مۇنداق دېدى: ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگو ساياھەت، پۇتبول، مەدەنىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى لازىم. تېخىمۇ كۆپ ساياھەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئۇ يەنە ئىككى تەرەپنىڭ تىل ئوقۇتۇشى ۋە ئادىمىيەت تەتقىقاتىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەل قەلبىنىڭ تۇتىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.