شى جىنپىڭ نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 16:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا بېرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسان سۇكى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ دوستلۇقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، كەڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى بار دەپ كۆرسەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بېرما بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-بېرما مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى-ھەر قايسى تەرەپلەر بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، بىرلىكتە قۇرۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق نەتىجىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولغان بىر خەلقئارالىق يىغىن بولدى، بىز بېرما بىلەن بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بېرمىنىڭ ئىچكى تىنچلىق مۇساپىسىگە داۋاملىق زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىشنى خالايدۇ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-بېرما چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى تېرىشىپ تەڭ قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو بېرما بىلەن بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەڭ تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

ئاڭسان سۇكى مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى-بۇ رايون ۋە دۇنياغا تىنچلىق، يارىشىش، گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. بېرما بېرما-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم بۇنىڭغا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى تېرىشىپ تەڭ قوغداشنى خالايدۇ.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا سېرلانكا زۇڭلىسى ۋېكرام سىنھا بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو سېرلانكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىرىلانكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تىنچلىقى، مىللىي يارىشىشىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. سېرلانكا بىلەن بىرلىكتە، دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ سىرىلانكىغا بولغان دوستلۇق سىياسىتى-ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك تاللاش بولۇپ، بىر دەملىك ئىش ئەمەس، ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. بىز مەيلى سىرىلانكىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىرىلانكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو-سېرلانكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئالىي لايىھەسى ۋە سىياسەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇشى؛ چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دېڭىز-ئوكيان، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشى؛ جۇڭگو-سېرلانكا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو سېرلانكا بىلەن ياشلار، تاراتقۇ، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

ۋېكرام سىنھا مۇنداق دېدى: نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ئەمدىلا ئاياغلاشقان باشلىقلار مۇنبىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مول نەتىجىگە ئېرىشتى. سېرلانكا جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى پۇختىلاشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن تەڭ تېرىشىپ، خامبانتوتا پورت تۈرى ۋە كولومبو پورت شەھىرى تۈرىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. سېرلانكا ئۆزىنىڭ ئورۇن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا فىجى زۇڭلىسى مۇبەينى ماراما بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: فىجى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت. 2014-يىلى ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو-فىجى مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىز 15-مايدىكى يىغىندا ناھايىتى ياخشى سۆز قىلدىڭىز شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتكە تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ساداسىنى ئاڭلاتتىڭىز. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن فىجىنىڭ سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى كۈنسايىن كېڭىيىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. جۇڭگو فىجى بىلەن بىرلىكتە، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىدە داۋاملىق ئۆز ئارا قوللىشى كېرەك. جۇڭگو فىجى بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىجىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ گۈللىنىشى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ فىجىغا ساياھەتكە بېرىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

مۇبەينى ماراما مۇنداق دېدى: فىجى بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى رامكىسىدا ھەمكارلىشىشنى كۈتمەكتە. فىجى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن سودا، يېزا ئىگىلىك، ئۇل ئەسلىھە، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا سېربىيە زۇڭلىسى، يېڭىدىن سېربىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان ۋۇجىچ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ ۋۇجىچنىڭ سېربىيەنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈچلۈك، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. سىز بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن بولۇشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق تۈرلەر ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو سېربىيەنىڭ جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى قاتناش ئۇل ئەسلىھە ھەمكارلىق مەركىزىنى باش بولۇپ قۇرۇشىنى قوللايدۇ، سېربىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ئارىسىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى كۈتمەكتە.

ۋۇجىچ مۇنداق دېدى: سېربىيە جۇڭگونىڭ يېقىن دوستى ۋە ئىشەنچلىك شېرىكى، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى سېربىيە بىلەن جۇڭگونى زىچ باغلىدى، سمېدېرېۋو پولات زاۋۇتى قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىدە ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا، كانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.