ئېلىمىز «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى 43 دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە قاتناشنى ئىشقا ئاشۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 16:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى 16-ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى 43 دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە قاتناشنى ئىشقا ئاشۇردى، ھەر ھەپتىدە جەمئىي تەخمىنەن 4200 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ؛ خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، شەرق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى بازارلارغا قاتناشنى كۈچەيتىپ، يول بويىدىكى دۆلەتلەرگە يېڭىدىن 240 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى.

خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جاڭيى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىز 120 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ،«بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا يولۇچىلار تىرانسپورت مىقدارىنىڭ خەلقئارا يولۇچىلار مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلسېرى كۆپەيدى، 2015-يىلى %39.8 ئىدى، 2017-يىلى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە %47.1 كە يەتتى.