«بىر بەلباغ بىر يول» جۇڭگو يېمەكلىك سانائىتىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 16:46

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

15-نۆۋەتلىك جۇڭگو لوخې يېمەكلىك يەرمەنكىسىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» مەخسۇس رايونىدا 16-ماي ۋېنگىرىيە، پولشا، ھىندونېزىيە، مالايشىيا قاتارلىق «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى 10 دۆلەتنىڭ 20 دىن ئارتۇق كارخانىسى يەرمەنكىگە قاتناشقان نۇرغۇن سودىگەرنى جەلپ قىلدى.

يېمەكلىك سانائىتى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ بىر يول» جۇڭگونىڭ يېمەكلىك سانائىتىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىدىكى يېڭى تارىخىي پۇرسەت. نۆۋەتتە مەملىكەت ئىچىدىكى يېمەكلىك كارخانىلىرى «بىر بەلباغ بىر يول» ئارقىلىق چەتئەللەرگە يۈزلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېمەكلىك سودىسىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. يېمەكلىك ئىلىمى ۋە تېخنىكا كەسپى مۇتەخەسسىسى جىن جېنيۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يېمەكلىك سانائىتى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن چەتئەلگە يۈزلىنىشى كېرەك، «بىر بەلباغ بىر يول» ئېلىمىز يېمەكلىكلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىش پۇرسىتىنى كۆپەيتتى، يېمەكلىكنى يەر شارىلاشتۇرۇش يېمەكلىك كەسپىنىڭ كۆلەملىشىشى، تۈجۈپىلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ يەر شارىنىڭ يېمەكلىك ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىشى، يېمەكلىك كەسپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

جۇڭگو يېمەكلىك سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېمەكلىك سانائىتىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتا«بىر بەلباغ بىر يول» دىن ئىبارەت بۇ چوڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك، بۇ يېمەكلىك سانائىتىنىڭ يېڭى سودا قېلىپى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا يېمەكلىك بازىرى رىقابىتىگە قاتنىشىشتا ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلىنىڭ رايون ھالقىپ مۇۋاپىق تەقسىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.