پارازىت ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئاستىلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 16:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

 12-ماي دۇنيادىكى نەچچە يۈز دۆلەت پارازىت ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تور بىخەتەرلىكىنى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ، بانكا، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىپ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە تەلەپ قويدى. ھازىر، بۇ خىل قاقتى-سوقتا قىلىدىغان يۇمشاق دېتال يەنىلا تارقىلىۋاتىدۇ، لېكىن تارقىلىش سۈرئىتى خېلى ئاستىلىدى. چىخۇ 360، تېڭشۈن، ئەنتيەن، جىنشەن بىخەتەرلىكى، ئەنخىڭ، يۈەنۋاڭ قاتارلىق ئالاقىدار كارخانىلار تېز سۈرئەتتە تەتقىق قىلىپ، بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى ۋە ئالدىنى ئېلىش دېتاللىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىقاردى. 360 كارخانا بىخەتەرلىكى گۇرۇھىنىڭ لىدىرى ۋۇ يۈنكۇن مۇنداق دېدى: كومپيۇتېر بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانسا، بارلىق ھۆججەتلەر سولىنىپ قالىدۇ، ئەگەر قاقتى-سوقتى قىلغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە قارشى تەرەپكە پۇل بەرمىسە، پۈتۈن دىسكىدىكى ھۆججەت يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. بۇ قارىماققا ئابۇنىتلارغا قارىتىلغاندەك قىلسىمۇ ئەمما سانائەت، ھۆكۈمەت شۇنداقلا نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئورگانلارغا زور زىيان بولدى. بانكا، ئېنېرگىيە، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرمۇ قۇتۇلالمىدى، يۇقۇملانغان ساھەلەر دەرھال مۇلازىمىتىنى توختاتتى، ئېغىر بولسا جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تور بىخەتەرلىكىنى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئابۇنىتلارغا نىسبەتەن ئالدىنى ئېلىش دېتاللىرىنى چۈشۈرۈش، سىستېما يوچۇقىنى تولۇقلاش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ، تورغا ئۇلانمىغان كومپيۇتېرلارنىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا قوغداش كېرەك. ئورگانلارنىڭ سىستېما بىخەتەرلىكى خادىملىرى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان بۇ يۇمشاق دېتال تارقىلىدىغان ئېغىز، تور مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئېتىۋېتىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى گو چىچۈەن مۇنداق دېدى: بىر قىسىم تارماقلارنىڭ ئىچكى تورى تاشقى توردىن لوگىكا ياكى فىزىكا جەھەتتىن ئايرىلغان، لېكىن بىر قىسىم تارماقلار قانۇنسىز ھالدا تاشقى تورغا ئۇلىغان بولسا، ياكى بىر قىسىم كىشىلەر بىخەستەلىك بىلەن بارماق دىسكىنى تاشقى تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېردىن ئېلىپ، ئىچكى تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېرغا سالغان بولسا، ۋىرۇسنى شۇ كومپيۇتېرغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ھازىر بىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش، ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتىمىز، بىز داۋاملىق كۆزىتىپ، ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىمىز.