ليۇ يۈنشەن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر تاراتقۇلىرى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-08 11:03

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 7-ئىيۇن بېيجىڭدا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر تاراتقۇلىرى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ تاراتقۇ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 9-ئايدا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرگە، ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈشنى كۈتمەكتىمىز. تاراتقۇلار ھەمكارلىقى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھە، بەش دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئالتۇن كېسەك روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالتۇن كېسەك ھېكايىسىنى ئوبدان ئېيتىپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.