ئوقۇتقۇچىلار مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-18 15:46

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرقانچە مىنىستىرلىق-كومىتېت بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىلار مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىچكىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭ، شىزاڭدا مائارىپقا ياردەم بېرىپ، بۇ ئىككى جاينىڭ ئۇل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشقا تەشكىللىدى.

بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىلار مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىچكىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭ، شىزاڭدا مائارىپقا ياردەم بېرىش، شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، شىنجاڭ، شىزاڭ بىلەن ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەر ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى دائىمىيلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش، شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى. تۇنجى تۈركۈمدە ئىككى جايدا مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تۆت مىڭ ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىلىدۇ، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ئەۋەتكەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە پىراكتىكانت پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى قوشقاندا 5500گە يېتىدۇ.

مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر چېن باۋشېڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى يېڭىلىق، شۇنداقلا شىنجاڭ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان زور ئەلرايى قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. تاللاپ ئەۋەتىشتە ئۆلچەمنى يۇقىرى قويۇش، خىزمەتتە تەلەپنى قاتتىق قويۇش، ئىشلىتىشتە رىغبەتلەندۈرۈش، باشقۇرۇشتا غەمخورلۇق قىلىش، مۇلازىمەتتە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بەش ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىنى ئاخىرىغىچە تولۇق يولغا قويۇش كېرەك.