لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پولات تۆمۈر كەسپى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 14:37

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشەن شەھىرى، يىڭكوۋ شەھىرىگە بېرىپ، پولات تۆمۈر كەسپىدىكى ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشكە قارىتىلغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن ئىجراسى مەخسۇس ھەرىكىتى خىزمىتىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەنشەن باۋدې پولات تۆمۈر چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بەش پولات تۆمۈر كارخانىسىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ ۋە مەسىلىدىن 102 نى بايقىدى. تەكشۈرۈشتە كارخانىلارنىڭ مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، زور يوشۇرۇن خەۋپنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقى، كارخانىلارنىڭ مۇستەقىل باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا شەكىلۋازلىق قىلغانلىقى بايقالدى. قىسمەن كارخانىلار «پىكىر» دىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مۇھىم نۇقتىنى كىنىشكا ئېلىش، نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىپ جەريانغا سەل قاراش، باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ قۇرۇلۇشقا سەل قاراشقا قارىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورناتمىغان ھەمدە داۋاملىق ياخشىلىمىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يەرلىكنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، كارخانىلارنىڭ يوشۇرۇن خەۋپنى ئۈزۈل كېسىل تۈگەتمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.

دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ئالاقىدار تەلەپكە ئاساسەن پولات تۆمۈر كەسپىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن ئىجراسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، جازالاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا بۇيرىدى ھەمدە بەش كارخانىدىن تۈزىتىش لايىھەسى ۋە ئالاقىدار قانۇن ئىجراسى بويىچە جازالاش ئەھۋالىنى دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسىغا بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە ئىنكاس قىلىشنى تەلەپ قىلدى.