شىئەن شەھىرىنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىكى ساختىلىق قىلىش دېلوسى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 14:37

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان «شىئەن شەھىرىنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىكى ساختىلىق قىلىش دېلوسى» غا 16-ئىيۇن بىرىنچى سوت ئېچىلدى. دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ دېلو مۇھىت سۈپىتىنى ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا ساختىلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تىپىك دېلو، دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن كېيىن مۇھىت ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدىكى ساختىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ.

بىرىنچى سوتتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق «شىئەن شەھىرىدىكى مۇھىت سۈپىتىنى ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا ساختىلىق قىلىش دېلوسى» غا چېتىشلىق يەتتە كىشىگە كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ قارىلىپ بىر يىل 3 ئايدىن بىر يىل 10 ئايغىچە قاماق جازاسى بېرىلدى. دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىت سۈپىتىنى ئۆلچەش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇھىت ئۆلچەش مۇھىت باشقۇرۇشتىكى مۇھىم تېخنىكىلىق تىرەك، مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەر ئەۋرىشكىنى ئۆلچەشتە PM2.5 نىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى داكا ئارقىلىق %30 تىن %50 كىچە تۆۋەنلەتكەن.

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇھىت ئىلمىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى خې كېبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ رايوننىڭ ئاتموسفېرانى تىزگىنلىشى ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان ھاۋا رايىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

خې كېبىن مۇنداق دېدى: ئالدىن مەلۇماتتا سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇش ۋە ئۆلچەشكە تايىنىپ بىر قەدەر توغرا ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئەگەردە ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا مەسىلە بولسا، توغرا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىت سۈپىتىنى ئۆلچەش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دۆلەت كونترول قىلىدىغان 1436مۇھىت سۈپىتىنى ئۆلچەش پونكىتىنىڭ ھوقۇقىنى تىزگىنلەيدۇ ھەمدە ھەر يىلى بۇ پونكىتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى مەخسۇس تەكشۈرىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دۆلەت كونترول قىلىدىغان پونكىتنىڭ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتى شۇ جاينىڭ ھاۋا رايى سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئىدى. ئەمما قىسمەن رايونلار ياكى پونكىتلاردا سانلىق مەلۇمات سۈپىتى جەھەتتە يەنىلا مەسىلە ساقلانغان، شۇنداقلا «شىئەن شەھىرىدىكى دېلو» غا ئوخشاش ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىغا سۈنئىي ئارىلىشىش دېلوسىمۇ بايقالغان.

جۇڭگو مۇھىت سۈپىتىنى ئۆلچەش باش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فۇ دېچيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان «13- بەش يىللىق مۇھىت سۈپىتىنى ئۆلچەش باشقۇرۇش خىزمىتى لايىھەسى» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن يەرلىكتە مۇھىت سۈپىتىنى ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا ساختىلىق بايقالسا، رايوننىڭ مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئۈنۈمىنى تەكشۈرگەندە بىر بېلەت بىلەن ئىنكار قىلىنىدۇ.

فۇدېچيەن مۇنداق دېدى: بىز ئۆلچەش پونكىتىنىڭ كونكرېت مەشغۇلاتىنى باھالايمىز. ھاۋا رايى ئاپتوماتىك پونكىتى ئەتراپىنىڭ ھەممە يېرىگە كامېرا ئورنىتىلىدۇ، بۇ رايونغا كىرگەن ھەر قانداق كىشىنى كامېرا سۈرەتكە تارتىۋالىدۇ.