9-نۆۋەتلىك تەيۋەن بوغۇزى مۇنبىرى شيامىندا ئېچىلدى، يۈ جېڭشېڭ مۇنبەردە سۆز قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 14:47

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

9-نۆۋەتلىك تەيۋەن بوغۇزى مۇنبىرى شيامىندا داغدۇغىلىق ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، 9-نۆۋەتلىك تەيۋەن بوغۇزى مۇنبىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، يىغىنغا قاتناشقان ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بولۇپمۇ تەيۋەنلىك يۇرتداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، يېڭى خىرىس ۋە خەۋپكە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىغا تۇرماقتا. بىزنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ ئەلئارىسىدىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش ئىرادىمىز ۋە پوزىتسىيەمىز ئۆزگەرمەيدۇ. بىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 20 نەچچە تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىر چىقىرىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئۆگىنىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشى، خىزمەت قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردۇق.

يۈ جېڭشېڭ «ئەلئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» باش تېمىسىدا ئۆزىنىڭ مۇنداق بەش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغداش زۆرۈر. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەنى چىقىش قىلىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆڭلىدىكى تۈگۈننى ئاستا-ئاستا يېشىپ، يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتىشى كېرەك. ئىككىنچى، يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى مۇستەھكەملەش زۆرۈر. بىز ئالدى بىلەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئەتلىنىش دائىرىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى خالايمىز.

ئۈچىنچى، يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ روھى رىشتىنى چىڭىتىش زۆرۈر.

تۆتىنچى،يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىجادكارلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش زۆرۈر. تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بەشىنچى،يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى تەڭ يېڭىپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىشى زۆرۈر.

يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92-يىلىدىكى ئورتاق تونۇش»نىڭ سىياسىي ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداش-ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تەيۋەن بوغىزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا ئەڭ زور تەھدىت ۋە بالايى-ئاپەت. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بارلىق شەكىلدىكى دۆلەتنى پارچىلاش، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئورتاق ئائىلىسىنى قوغدىشى كېرەك.

جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ رەئىسى خۇڭ شيۇجۇ قاتارلىقلار سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىزنىڭ يىلتىزىمىز، ھازىرقى باسقۇچتا ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقى ۋە ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش نىشانىمىز. بىز يېقىنقى زاماندا جۇڭگو تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ھەمدە جۇڭخۇا ئىلىنى گۈللەندۈرۈش غايىسىنى ئۇنتۇمايمىز، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمىز.