ئالىي مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 17:22

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار يېقىندىن بۇيان ئارزۇ تولدۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بەزى ئاپپاراتلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن قىممەت باھالىق ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، ئۇنىڭ ئەرزانلىرى ئون نەچچە مىڭ يۈەن، قىممەتلىرى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

مۇخبىر بېيجىڭدا بىرقانچە ئارزۇ تولدۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن ئەرزان ئەمەسلىكىنى بايقىدى. بېيجىڭنىڭ خەيديەن رايونىدىكى بىر مۇلازىمەت ئورنىنىڭ مۇلازىمەتچىسى مۇخبىرغا بىر توردا ئاختۇرۇش سىستېمىسىنى تەۋسىيە قىلىپ، باھاسى 898 يۈەن، سىز سېتىۋالغاندىن كېيىن مەخسۇس ھېساب نومۇرى ۋە شىفىر بېرىمىز، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئالىي مەكتەپلەرنى ئىزدىيەلەيسىز، بۇ كەسپىي ئىزدەش، ئۇ بالىڭىزنىڭ رەت تەرتىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.

بۇ مۇلازىمەت ئورنى سىستېما ساتقاندىن باشقا يەنە ئارزۇ تولدۇرۇشقا بىرگە بىر كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى، باھاسىنىڭ ئون مىڭ يۈەندىن 40 مىڭ يۈەنگىچە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقان بىر مۇئەللىم مۇنداق دېدى: نەچچە ئون مىڭ يۈەن خەجلەپ بۇنداق ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق. ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، ئاتا-ئانىلار ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردىن ئازراق ئاختۇرسىلا تامامەن تولدۇرالايدۇ، ھازىر ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىلگەندىن كېيىن ئاندىن ئارزۇ تولدۇرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئالدىنقى يىللاردىكى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتكىلى بولىدۇ.

21-ئەسىر مائارىپ تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيۇڭ بىڭچىمۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ھازىر بۇ كەسىپتە ئىجازەت بەك بوش، ئانچە كەسپىي بولمىغان بەزى ئاپپاراتلار بۇ سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ تىزدىن كىرىشىپ، بازارنى قالايمىقان قىلىۋەتتى، ئاتا-ئانىلار ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغاندىلا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالايدۇ.