«بىر بەلباغ، بىر يول» ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى قېلىپىنى ياراتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 17:24

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

تۆت يىلدىن بۇيان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىتىكى «قوش ماتور»،«كۆپ نەتىجە» يېڭى قېلىپ شەكىللەندى.

تۆت يىلدىن بۇيان يەر شارىدىكى 100 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پائال قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم قارارلىرىمۇ«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلدى. ئېلىمىز رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە، ۋېتنام، پاكىستان، پولشا، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىدار پىلان ۋە سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇردى، 40 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، 30 نەچچە دۆلەت بىلەن مېخانىزملاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ئورناتتى. 60 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۆت يىلدىن بۇيان ئېلىمىز ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تۆمۈر يول، پورت قاتارلىق تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ بىر تۈركۈم ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تۈرىنى پىلانلاپ يولغا قويدى. بىرىكمە ئۇل ئەسلىھە تورى شەكىللەنمەكتە. چوڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولدى. 2016-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە سالغان بىۋاستە مەبلىغى 14 مىليارد 530 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى؛ چەتئەللەردە ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇشتا يېڭىدىن ئىمزالانغان توختام سوممىسى 126 مىليارد 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەردە ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىمزالانغان توختام سوممىسىنىڭ %51.6 نى ئىگىلىدى. تاماملانغان تىجارەت سوممىسى 75 مىليارد 970 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمىي سوممىنىڭ %47.7 نى ئىگىلىدى.

2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىز كارخانىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەردە كۆلەملىك ھەمكارلىق رايونىدىن 56 نى قۇرۇپ، 18 مىليارد 550 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى، رايونغا كىرىپ ئورۇنلاشقان كارخانا 1082 گە يەتتى، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 50 مىليارد 690 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرگە 1 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى باج كىرىمى ۋە 180 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى.

تۆت يىلدىن بۇيان ئېلىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول»غا قاتناشقان چوڭ دۆلەتلەر بىلەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدى. 2014-يىلىدىن 2016-يىلغىچە، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن قىلغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. تۆت يىلدىن بۇيان، ئاسىيا سېلىنما بانكىسى ۋە «يىپەك يولى فوندى» ئاساسىي كۈچ بولغان كۆپ قاتلاملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تورى شەكىللەندى، ئاسىيا سېلىنما بانكىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ توققۇز تۈرىنى 1مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بىلەن تەمىنلىدى، «يىپەك يولى فوندى» غا سېلىنغان مەبلەغ 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپانىڭ «16 قوشۇلغان بىر » پۇل-مۇئامىلە پاي تىزگىنلەش شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى، دەسلەپكى كۆلەمدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىق تورى شەكىللەندى. ئېلىمىزنىڭ كاپىتال بازىرى ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تېزلەتتى. ئېلىمىزنىڭ بىرژىسى پاكىستان بىرژىسىنىڭ قىسمەن پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالدى، جۇڭگونىڭ ئۈچ بىرژىسى بىلەن گېرمانىيە بىرژىسى گۇرۇھى فرانكىفورتتا شېرىكلىشىپ جۇڭگو ياۋروپا خەلقئارا بىرژىسىنى قۇردى. تۆت يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىككى ئاكسىيە شىركىتى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردە شۆبە شىركەت قۇردى. جۇڭگو ئاكسىيا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ماتىريالىغا قارىغاندا، پېيى شاڭخەي شېنجېندىكى ئىككى ئاكسىيە بازىرىغا سېلىنغان 963 شىركەت «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان.