” 10مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانى “يولغا قويۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 17:25

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ھەم 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئوقۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلدىن باشلاپ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە” 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى“نى يولغا قويۇپ، ئىچكى جايلاردىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى شىزاڭ، شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىپ، شۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، شىزاڭ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن تەڭ بەھىرلىنىشىنى تۇراقلىق ھالەتكە ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شىزاڭ ۋە شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدىكەن.

بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە شىزاڭ، شىنجاڭغا 4000 ئوقۇتقۇچى كۆپەيتىپ ئەۋەتىلگەن، بۇنىڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ئەۋەتكەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە نىشانلىق ئىش ئورنىدىكى پىراكتىكانت پىداگۇگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى قوشقاندا جەمئىي 5500 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىلگەن.