7 مىليون 340 مىڭ نامرات بىمار تۈرلەر بويىچە قۇتقۇزۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 17:26

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق توغۇت كومىتېتى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىل دۆلىتىمىز ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە «ئۈچ بىر تۈركۈم» ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويىدۇ، بۇ بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللىكلەرنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇپ داۋالاش، بىر تۈركۈم سۇزۇلما كېسەللىكلەرنى توختاملىق مۇلازىمەت قىلىپ باشقۇرۇش، بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاپ كاپالەتلىك قىلىش، 7 مىليون 340 مىڭ بىمارنى تۈرلەر بويىچە قۇتقۇزۇپ داۋالاشتىن ئىبارەت.

دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق توغۇت كومىتېتى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان 93 خىل كېسەللىكنى تۈرلەر بويىچە داۋالاپ قۇتقۇزىدۇ، بىر قېتىمدىلا ساقىيىپ كېتىدىغانلىرىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالايدۇ؛ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا تېگىشلىكلىرىنى شۇ بىمارنىڭ ئۆيىگە يېقىن يەردىكى ئىقتىدارنى ھازىرلىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالايدۇ؛ ئاساسىي قاتلام سەھىيە ئاپپاراتلىرى ئۇزاق مۇددەت داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش زۆرۈر بولغانلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق توغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ پېيئەن مۇنداق دېدى: يېزا نامرات نوپۇس ساغلاملىق كارتىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋىي سەھىيە مۇلازىمىتى خىراجىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات نوپۇسنىڭ سالامەتلىكىنى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرىمىز.

ۋاڭ پېيئەن مۇنداق دېدى: كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، كېسەللىك سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلىلەردە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار تەخمىنەن 3 مىليون 300 مىڭ، ئۇزاق مۇددەت سۇزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار تەخمىنەن 4 مىليون بولۇپ، 15 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان بىمار ئومۇمىي ساننىڭ %41 ىنى ئىگىلەيدۇ. بىز يېزىلاردىكى نامرات نوپۇس ئارىسىدىكى ئېغىر كېسەلگە ۋە سۇزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى تۈرلەر بويىچە داۋالاپ قۇتقۇزىمىز.

ھازىر ئېلىمىزدىكى نامرات نوپۇس شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلدى، پاۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەللىككە گىرىپتار بولغان نامرات نوپۇسمۇ تەدرىجى داۋالاپ قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ. كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەللىك سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يەنىلا نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى. دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق توغۇت كومىتېتى بالىلار ئاق قان كېسىلى، تۇغما يۈرەك كېسىلى، قىزىل ئۆڭگەچ راكى قاتارلىق توققۇز خىل نامرات بىمارنى مەخسۇس داۋالىدى، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 2 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق نامرات بىمارنى تۈرلەر بويىچە داۋالاپ قۇتقۇزدى.

دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق توغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن مۇنداق دېدى: 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېغىر كېسەللىكنى مەركەزلىك داۋالاشتا يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېرىلگەن نامرات نوپۇس ۋە يېزىلاردىكى ئالاھىدە نامرات نوپۇسنى قاپلاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار يەرلىكنىڭ قۇتقۇزۇپ داۋالايدىغان كېسەل خىللىرىنى تەدرىجى كۆپەيتىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، 2020-يىلىغىچە يېزالاردىكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامرات نوپۇسنىڭ بىرسىنىمۇ قالدۇرماي داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.