مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ...
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 14:42

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 17-ئىيۇل سائەت 06:00 دە داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقاتقان. مۆلچەرلىنىشىچە، 17-ئىيۇل كۈندۈزدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، جىلىننىڭ غەربى، لياۋنىڭنىڭ شىمالى، گەنسۇنىڭ ئوتتۇرا غەربىي رايونلىرى، ئوتتۇرا شەنشى رايونى، چاڭجياڭ-خەنجياڭ دەريا بويى رايونلىرى، چاڭجياڭ-خۈەيخې دەريا بويى رايونلىرى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى، چۇڭچىڭ ۋە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئويمانلىقلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃35 تىن ئاشىدىكەن، چۇڭچىڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئويمانلىقلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 39 ~℃37 غىچە بولىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃40 تىن ئاشىدىكەن.