جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا قاتناش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 15:47

15-ئىيۇل، بېيجىڭ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيەدە قاتناش تۇتاشتى، بېيجىڭ ئۈرۈمچى تاشيولىنىڭ مۇساپىسى 1300 كىلومېتىرغا يېقىن قىسقاردى. بۇ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال قاتناش قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەت. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىنىڭ قاتنىشىدا ئىنقىلابى ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىئاتسىيىدىن تەركىب تاپقان زامانىۋى سېتىرىئولۇق قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەندى.

9-ئىيۇل، شەنشىنىڭ باۋجىدىن گەنسۇنىڭ لەنجۇغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا قاتناش باشلاندى. بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول شەرقتىن غەربكە ئىككى يۆنىلىشتە قاتناش باشلىنىپ بولغان شىئەن-باۋجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، لەنجۇ- ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بىلەن تۇتاشتى. گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ بۇنىڭ بىلەن مەملىكەتلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورىغا كىردى. شىئەندىن ئۈرۈمچىگىچە 2300 نەچچە كىلومېتىرلىق «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى يىپەك يولى» شەكىللەندى.

بۇنىڭدىن باشقا، غەربىي شىمالدا يىنچۇەن- شىئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، جۇڭۋېي- لەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، دۇنخۇاڭ-گولموت يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى قاتارلىق تۆمۈر يوللار ياسالماقتا. گەنسۇ، شەنشىنى بېسىپ ئۆتىدىغان لەنجۇ- چۇڭچىڭ تۆمۈر يولىدا بۇ يىل پۈتۈن لىنىيەدە قاتناش تۇتاشتۇرۇلىدۇ. چىڭخەي، گەنسۇنى بېسىپ ئۆتىدىغان شىنىڭ- چىڭدۇ تۆمۈر يولىدا بۇ يىل قۇرۇلۇش باشلاشتىن ئۈمىد بار.

ياۋروپا ئاسىيا قۇرۇقلۇق كارىدورىغا ماس ھالدا، «ھاۋا يىپەك يولى» جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىي رايونى ئاسمىنىدا شەكىللەنمەكتە.

12-ئىيۇل، لەنجۇنىڭ جۇڭچۇەن بىلەن جېڭجۇنىڭ شىنجېڭ ئىككى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ بىر بىرىدە قونۇپ ئۆتىدىغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچماقچى، بۇنىڭ ئىچىدە لەنجۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى شىنجاڭ، شىزاڭ ھەمدە ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بارىدىغان مۇھىم ھاۋا كارىدورىغا ئايلىنىدۇ.

يوللار تۇتىشىپ، سودا راۋانلاشتى. لەنجۇ تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، گەنسۇ، نىڭشيادىن يولغا چىققان «تيەنما»، «لەنجۇ»، «جۇڭگو ئەرەب » ناملىق جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا، جەنۇبىي ئاسىيا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزلىرى دائىملىق قاتناش ھالىتىگە كىرگەن. بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە 35 نۆۋەتچى پويىز قاتناپ، 46 مىڭ700توننا يۈك قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، بېلارۇسىيە، گېرمانىيە، نېپال قاتارلىق دۆلەتلەرگە توشۇلغان.

گەنسۇ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى دۇ شۆچېڭ مۇنداق دېدى: «قاتناش راۋان بولغاندىلا سودىنى، مەبلەغنى تېخىمۇ ياخشى راۋانلاشتۇرغىلى، يۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالى رايونىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.