ئىچكى موڭغۇلدا تۆت مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە كەپىلىك مەھەللە بىلەن خوشلاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 15:48

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 1-ئايدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئارشان شەھىرى ئېرىش بازىرىغا بېرىپ ئورمان كەپىلىك مەھەللىسىدە تۇرىدىغان ئاممىنى يوقلىدى. ئۇ ئورمانچىلىق رايونىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، يەرلىكتىن كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تېزلىتىپ، ئاممىنى بالدۇرراق يېڭى ئۆيلەرگە ئېرىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ غەمخورلۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭ بىلەن تۆت مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە كەپىلىك مەھەللە بىلەن خوشلىشىپ، ئۆي غېمىدىن قۇتۇلدى.

ئورمانچىلىق رايونىدىكى 72 ياشلىق رېن جېنجى 30 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق كونا ئۆيدىن خوڭشۈ مەھەللىسىدىكى 50 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئۇ ھازىر بىلەن بۇرۇنقىنى سېلىشتۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزدا ھەقىقەتەن ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش بولدى، بۇرۇنقى 38 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيىمىز ناھايىتى ئاددىي ئىدى، قىشتا بەك سوغۇق ئىدى، تام بەك نېپىز بولغاچقا، يازدا يەنە يامغۇر ئۆتۈپ كېتەتتى، مەن ھايات چېغىمدا مۇشۇنداق ئازادە، يورۇق ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشىمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە كۆپ رەھمەت دېدى.

ئارشان شەھىرىدىن باشقا، يەنە باۋتۇنىڭ بېيلياڭ رايونىمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. بېيلياڭ كەپىلىك مەھەللىسى-بۇرۇن ئىچكى موڭغۇل، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەركەزلىك تۇتاشما شەھەر كەپىلىك مەھەللىسى ئىدى، 13 كىۋادرات كىلومېتىرلىق دائىرىدە 47 مىڭ ئائىلە، 124 مىڭ نوپۇس بار بولۇپ، ئۆزگەرتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىدى.

2013-يىلى كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش باشلانغاندىن بۇيان، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ باش بولۇشى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئارقىسىدا، نەچچە مىڭ كادىر كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ 1-سېپىگە ئاتلاندى. ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشقان كونا ئۆيلەر گۈللۈك مەھەللىگە ئايلاندى، ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن، ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئېكولوگىيەسى يېقىشلىق زامانىۋى يېڭى بېيلياڭ قۇرۇپ چېقىلدى.

جاڭ لىن ۋە جاڭ شۇجېن ئەر-ئايال كونا بېيلياڭلىق ئىدى، ئۇلارنىڭ كەپىلىك مەھەللىدە ئولتۇرغىنىغا 50 يىل بولاي دېگەن ئىدى. 2014-يىلى كەپىلىك مەھەللە ئۆزگەرتىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئۇلار بۇلتۇر بېيلياڭ جەنۇبىي 5-مەھەللىسىدىكى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ھازىر پىيادە بەش، ئالتە مىنۇت ماڭسىلا مەھەللە دوختۇرخانىسىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتەلەيدۇ، تۇرمۇشقىمۇ ناھايىتى قولاي بولدى، جاڭ شۇجېن مۇنداق دېدى: يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، قەلبىمىز تېخىمۇ ئىللىدى، بەك خۇشال بولدۇق، بۇرۇنقى كونا ئۆيىمىزدە ئوت قالاپ ئىسسىناتتۇق، ھازىر يىراققا سۇ ئالغىلى بارمايدىغان بولدۇق، ئۆيىمىزگە تەبىئىي گاز ئۇلاندى، تاماق ئېتىشىمىزمۇ قولايلاشتى، ھاجەتخانىمۇ ئۆيىمىزدە، تۇرمۇشىمىز بۇرۇنقىدىن بەكلا ياخشى بولۇپ كەتتى.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2008-يىلىدىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل تۈرلۈك كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىپ بىر مىليون 576 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىپ، تۆت مىليون 380 مىڭچە ئادەمنى نەپكە ئىگە قىلغان، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىش ئارزۇسى داۋاملىق ئىشقا ئېشىۋېتىپتۇ.