شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 15:50

شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان «شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى- بىر نىيەتتە ئالغا بېسىپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتايلى» ناملىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزېيىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. كۆرگەزمە 27-ئىيۇن ئېچىلغاندىن بۇيان قىزغىن قارشى ئېلىندى، كۆرگەزمىنى كۆرگۈچىلەر 120مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ كۆرگەزمە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى» قاتارلىق ئون كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرى مۇجەسسەملەنگەن ھەمدە كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى تەسۋىرلەپ بېرىلگەن.