دۇنيا ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاۋمېن بېكىتىدە جۇڭگو كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى يېڭىپ 2- بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 15:51

تۈنۈگۈن دۇنيا ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاۋمېن بېكىتى مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، جۇڭگو كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئىككى تەرەپ جاپالىق بەش مەيدان مۇسابىقىلىشىپ، ئەڭ ئاخىردا جۇڭگو كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى 3:2 ئۇتۇپ، ئىككى ئۇتۇق، بىر يېڭىلىشتەك نەتىجە بىلەن ئىككىنچى بولدى.

تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسى 3:0 نەتىجە بىلەن تۈركىيە كوماندىسىنى يەڭدى. ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن چوڭ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاۋمېن بېكىتىدىكى پۈتۈن مۇسابىقە ئاياغلاشتى. ئىتالىيە كوماندىسى ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ چېمپىيون بولدى، جۇڭگو كوماندىسى ئىككى مەيدان يەڭدى، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئامېرىكا كوماندىسى بىر مەيدان يەڭدى، ئىككى مەيدان ئۇتتۇردى، تۈركىيە كوماندىسى ئۈچىلى مەيدان يېڭىلدى.