جۇڭگونىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 15:53

يېقىندا مىسىردا نۇرغۇن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكتىن جۇڭگونىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسى تۈنۈگۈن مىسىردىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى. بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى 15-ئۆكتەبىرگىچە بولىدۇ.

بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىدا جۇڭگونىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، يالغۇز، ھەمراھسىز مىسىرغا ساياھەتكە بارماسلىقى، مۇنتىزىم ساياھەت ئۆمەكلىرىگە قاتناشقان ساياھەتچىلەرنىڭ ئىختىيارى ھەرىكەت قىلماسلىقى، مۇنتىزىم بولمىغان ساياھەت نۇقتىلىرىغا بارماسلىقى تەلەپ قىلىندى.

مىسىردىكى مەزگىلدە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ناۋادا جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە جۇڭگونىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك.