ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 16:23

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 17-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن مۇنۇلار ئايان بولدى: دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 38 تىرىليون 149 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى پەسىلدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوخشاشلا %6.9 ئاشقان. كەسىپ بويىچە قارىغاندا، بىرىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5، ئىككىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6.4، ئۈچىنچى كەسىپنىڭ %7.7 ئاشقان.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شىڭ جىخۇڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇۋاپىق دائىرىدە، مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، مۇقىم ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياخشىلىنىش، مال باھاسى مۇقىملىشىش، كىرىم ئېشىش، قۇرۇلما سەرخىللىشىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىملىقى، تەڭكەشلىكى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى كۈچەيدى.

شىڭ جىخۇڭ مۇنداق دېدى: ئەمما شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، خەلقئارادا مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار يەنىلا بىر قەدەر كۆپ، دۆلەت ئىچىدە ئۇزۇن مۇددەت توپلىشىپ قالغان قۇرۇلمىلىق زىددىيەت يەنىلا گەۋدىلىك. شۇڭا مۇقىم ياخشىلىنىش ئاساسىنى داۋاملىق پۇختىلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىش زۆرۈر.