نۇرغۇن جايلار كۈتۈنۈش پۇلىنى كونكرېت تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 16:24

بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، خۇبېي، شەنشى، جىلىن قاتارلىق جايلار يېقىندا بۇ يىللىق كۈتۈنۈش پۇلىنى كونكرېت تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، «نورمىنى تەڭشەش، مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ تەڭشەش، مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىش» قاتارلىق چارىلەر ئارقىلىق تەڭشەيدۇ، چوڭ ياشلىق ياشانغانلار، جاپالىق رايونلاردىكى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى نىسبەتەن كۆپرەك ئۆسىدۇ. ھازىر جايلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى كەينى-كەينىدىن تارقىتىلىۋاتىدۇ، قىسمەن رايونلار تارقىتىپ بولدى.

كونكرېت تەڭشەش چارىسى مۇنداق: (1) ئالدى بىلەن بىردەك 60 يۈەن ئۆستۈرۈلدى؛ (2) شۇ كىشىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرغان يىل چېكىگە ئاساسەن، بىر يىل توشسا 2.5 يۈەندىن ئۆستۈرۈلىدۇ. (3) شۇ كىشىنىڭ 2016-يىلى 12-ئايدىكى كۈتۈنۈش پۇلى ئاساسىي سان قىلىنغان ئاساستا، %2.5 ئۆستۈرۈلىدۇ.