كارخانا نامى ئىسكىلاتى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-12 18:38

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «كارخانا نامىنى ئىشلىتىشكە چەك قويۇش قائىدىسى»، « كارخانا نامى ئوخشىشىپ كېتىشنى سېلىشتۇرۇش قائىدىسى»نى چۈشەندۈردى. دۆلەتلىك سودا-سانائەت باش ئىدارىسى كارخانىلارنى رويخەتكە ئېلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لىي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانا تىزىملاش ئاپپاراتلىرى جەمئىيەتكە كارخانا نامى ئىسكىلاتىنى ئېچىۋىتىدۇ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسسورى جاڭ داشىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى ھۆججەتنىڭ ئەھمىيىتى نامنى تەكشۈرۈش داۋامىدىكى «قارا قۇتا قائىدىسى»نى بۇزۇپ تاشلاش بولۇپ، ئېنىق ئۆلچەم بىلەن نامنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئۆستۈردى.