يۈ جېڭشېڭ مەركەز بىرىنچى تارماق ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ھىنگان ئايمىقىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-12 18:40

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرىنچى تارماق ئۆمىكىنى باشلاپ، ھىنگان ئايمىقىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلىدى.

يۈ جېڭشېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى خەنشەن ئېكولوگيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا كېلىپ، ئىكولوگيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش ۋە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياخشى ئىكولوگيە مۇھىتى ھىنگان ئايمىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئەۋزەللىكى، يېشىل ھىنگان قۇرۇپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

يۈ جېڭشېڭ ئېتىز باشلىرى ۋە شال تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە بېرىپ ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھىنگان ئايمىقىنىڭ يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭلىقلىق دەرىجىسى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

يۈ جېڭشىڭ يېرلىت كەنتىدە پۈتۈن كەنتنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگەللىدى، كۆپچىلىكنىڭ بارغانسېرى باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ھىنگان ئايمىقى گۇاڭروڭ ھويلىسىدا يۈ جېڭشېڭ بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان پىشقەدەم يولداشلارنى سەمىمىي يوقلىدى، ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى.

ئۇلانخات شەھىرىگە جايلاشقان 1-ماي يىغىن خارابىسى ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم ھۆكۈمىتى ـــ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم ھۆكۈمىتى دۇنياغا كەلگەن جاي، يۈ جېڭشېڭ ئەھۋال ۋە تونۇشتۇرۇشلارنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئىنقلابىي تارىخنى قايتا ئەسلەپ، پىشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنى قايتا ياد ئەتتۇق، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز لازىم.

يۈ جېڭشېڭ مەخسۇس ئۇلانخات شەھەرلىك موڭغۇل باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، ئوقوتۇش ئەھۋالىنى ئىگەللىدى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

يۈ جېڭشېڭ شۇ جايدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، ھىنگان ئايمىقىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى كۆزقارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستىراتېگىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 26-ئىيۇلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگرىسىنىڭ ئىكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈپ، ھىنگان ئايمىقىنىڭ تېخىمۇ پارلاق ئەتىسىنى يارىتىش كېرەك.

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى تارماق ئۆمەكلىرى تۈنۈگۈن ئۇلانچاب شەھىرى، شىرىنغۇل ئايمىقى، توڭلياۋ شەھىرىگە بېرىپ ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ گۈزەل تىلىكىنى يەتكۈزدى.