مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچكى موڭغۇلدىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-12 18:41

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلىغان، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن تۈنۈگۈن كەچتە ئايرىم ئايرىم ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتكەن ئىدى. بىرقانچە كۈندىن بېرى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھرى مۇھاببىتىنى ئېلىپ ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان شىمالىي چېگرىسىغا بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ئىچكى موڭغۇل خەلقىگە يەتكۈزۈپ، شۇ جايدىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.