جيۇجەيگودىكى يەر تەۋرەشتە 24 كىشى قازا قىلدى، 493 كىشى يارىدار بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-12 18:42

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا ئوبلاستى يەر يەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگەللىشىچە، تۈنۈگۈن سائەت 21گىچە جيۇجەيگودىكى 7 بال يەر تەۋرەشتە 24 كىشى قازا قىلغان، 493 كىشى يارىدار بولغان، 61500 دىن ئارتۇق ساياھەتچى ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان، 23477 كىشى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ھازىر ئىگەللىگەن ئەھۋالغا قارىغاندا 3 كىشى يوقاپ كەتكەن، ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە يەنە 2 كىشىنىڭ دېرىكى يوقكەن.