ئالاقىدار تارماقلار بېيجىڭ كۈنمىڭ يۇقۇرى سۈرەتلىك تاشيولىدىكى قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-12 18:47

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئۇقۇشىچە، بېيجىڭ كۈنمىڭ يۇقۇرى سۈرەتلىك تاشيولىنىڭ ئەنكاڭ بۆلىكىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس تونىلغا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىگە قارىتا، دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان؛ مەركەز رەھبەرلىرى تەستىقىنىڭ روھىنى ئەستائىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاخىرقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرىقى ئۈچ تارماقنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى دەرھال تەكشۈرگەن، دوكلات ئاڭلىغان، يېتەكچى پىكىر بەرگەن ، دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىلانغانلارنى يوقلىغان. خىزمەت گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ئالاقىدار تەرەپلەر ۋەقەدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، بىخەتەرلىك يوچۇقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەكشۈرۈپ، ئاجىز ھالقىلار ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستائىدىل تەكشۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرتىپى بىخەتەرلىكى مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.