چېن جېنچۈەن: جۇڭگونىڭ مۇھىملىقى ۋە تەسىر كۈچى ھەممىنىڭ دېققىتىنى تارتماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-12 18:47

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

سىنگاپور زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى قوشۇمچە ئادەم كۈچى ۋە مەمۇرىيەت مىنىستىرى چېن جېنچۈەن 10-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو خەلقئارا ئىشلارغا پائال قاتناشتى، جۇڭگونىڭ مۇھىملىقى ۋە تەسىر كۈچى ھەممىنىڭ دېققىتىنى تارتماقتا. كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو يەنىلا دۇنيا سەھنىسىدە بارغانسىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى 600 مىليون نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. ئۇ جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە، كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش روھىغا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، جۇڭگونى خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيىتتى.