خېبېي سەيخەنبا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك خەۋەرلەرنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-13 11:34

«مۇخبىرنىڭ قەلبىدىكى سەيخەنبا» ناملىق خېبېي سەيخەنبا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك زىيارەت خەۋەرلىرىدىن ھەمبەھىرلىنىش، ئالماشتۇرۇش يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق خەۋەر پائالىيىتىگە قاتناشقان تاراتقۇ مۇخبىرلىرى زىيارەت جەريانىدىكى تەسىراتلىرى ۋە ھاسىلاتلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش-ئىزلار ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەردىن ھەمبەھىرلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە نەزەر سالدى.

يىغىن قاتناشچىلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت خەۋەرلىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش زىچ چۆرىدىلىپ، سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تىپىك تەجرىبىلىرى، دەۋر روھى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش-ئىزلار ئەتراپلىق، كۆپ نۇقتىدىن گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھېكايە ئارقىلىق روھ ھېس قىلىنىپ، مۇۋەپپەقىيەت ئارقىلىق ئىلھام تەكىتلەندى، بۇ-كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئېسىل مۇھىت-قىممەتلىك بايلىق»، «ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيلىكمۇ گۈللىنىدۇ» دېگەن قاراشلارغا بولغان چوڭقۇر تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، پۈتۈن جەمئىيەتتە «يېشىل تەرەققىيات، يېشىل تۇرمۇش»قا بولغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىشقا پايدىلىق.

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئېكولوگىيە ئاساسى ئاجىز، تەبىئىي شارائىتى ناچار ئىدى. 55 يىلدىن بۇيان، ئۈچ ئەۋلاد سەيخەنبالىقلار بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ، قاقاس قۇملۇقنى بىر مىليون مولۇق سۈنئىي ئورمان دېڭىزىغا ئايلاندۇردى. سەيخەنبا روھىنىڭ دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، سەيخەنبا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىلىك تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 19 مەركەز ۋە يەرلىك تاراتقۇنىڭ 80 نەچچە مۇخبىرىنى سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىغا زىيارەتكە ئەۋەتتى. 3-ئاۋغۇستتىن تارتىپ، ھەر قايسى چوڭ تاراتقۇلار ئارقا-ئارقىدىن بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، دۆلەت ئىچى، سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.