نىڭشيادىڭى بىر ئورمان قاراۋۇلىنىڭ ھېكايىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-13 11:35

مېڭ ۋاڭپىڭ-نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ليۇپەنشەن ئورمانچىلىق رايونى فېڭتەي ئورمانچىلىق مەيدانى نيۇتۇگۇ ئورمان قوغداش نۇقتىسىدىكى ئۈچ ئورمان قاراۋۇلىنىڭ بىرى. 2002-يىلى مېڭ ۋاڭپىڭ ئوغرىلىقچە ئورمان كەسكۈچىلەر تەرىپىدىن پىچاق بىلەن يارىلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، بېشىنىڭ ئارقىسى يەتتە يىپلىق تىكىلگەن؛ 2004-يىلى يەنە ئوغرىلىقچە ئورمان كەسكۈچىلەر تەرىپىدىن باش بارمىقى سۇندۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى ئورمان قاراۋۇلى بولغان. ئورمان قاراۋۇلى بولۇشنىڭ خەتەرلىك خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا بىلەتتى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ قارا مىلتىقتىن 12 نى، پالتىدىن 300 نەچچىنى، يەنە نۇرغۇن ھەرە، ئارغامچا، قىسقۇچلارنى قولغا چۈشۈردى.

ئەتراپى ئورمانلىق بولغاچقا، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئورمانلىققا تايىنىپ جان باقاتتى. لېكىن، 2000-يىلى دۆلەت تەبىئىي ئورمان بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ليۇپەنشەن تېغىدا ئورمان كېسىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىدى. بەزى تونۇشلىرى مېڭ ۋاڭپىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد ئورمان قاراۋۇللىرىنى كۆپچىلىكنىڭ جان بېقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دېدى. مېڭ ۋاڭپىڭ كەنتتىكىلەر ئەينى چاغدا بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى چۈشەنمىدى، ھەتتا ئۆچ ئالدى، ئۆيىمىزگە تاش ئاتتى، ھەتتا بۇزۇۋەتتى دېدى.

ھازىرغىچە، بۇ ئورمانلىقنىڭ كۆلىمى 300 مىڭ مو كۆپەيدى. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر باراقسان ئۆستى، سۇ بايلىقىمۇ كۆپەيدى. يىغىلغان سۇنى تەڭشەپ كەلكۈننى ئازايتىش، سۇ بىلەن تۇپراقنى ساقلاش ئارقىلىق، نىڭشياڭنىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىغا سۇ باشلاش قاتارلىق قۇرۇلۇشلار بىلەن ئەتراپتىكى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم مول سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنلەندى. كۆپچىلىك نېمە ئۈچۈن ليۇپەنشەن تېغىنى قوغداش ئىشىنى ئاستا-ئاستا چۈشەندى، مېڭ ۋاڭپىڭنىڭ ئورمان قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ چۈشەندى. مېڭ ۋاڭپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ئىشنى بەك ياخشى بولدى دېيىشىدۇ، بولۇپمۇ سىز ئۆز قولىڭىز بىلەن تىككەن كۆچەتلەرنىڭ ئۆسۈپ باراقسان ئورمانغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە بەك خۇشال بولىسىز. ھەر بىر ئورمان قاراۋۇلى بىر تۈپ دەرەخكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

تاغدىكى دەرەخلەر ئورمان قاراۋۇللىرىنىڭ سىرداشلىرىغا ئايلاندى. مېڭ ۋاڭپىڭ مۇنداق دېدى: مەن قىزىم بىلەن ئاز پاراڭلىشىمەن، ھەقىقەتەن مەن قىزىم كىچىك چېغىدا ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويالمىغان، شۇڭا بىر ئاز خىجىللىق ھېس قىلىمەن، مەن بۇ ئورمانلىقنى ياخشى قوغداپ كەلدىم، نەچچە ئون يىل جەريانىدا، قىزىم دادىسىنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاخىرى بىلىپ يەتتى.