قۇتقۇزۇش ئەترىتى جيۇجەيگۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان كىشىلەرنى داۋاملىق..
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-13 14:53

قۇتقۇزۇش ئەترىتى جيۇجەيگۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان كىشىلەرنى داۋاملىق ئىزدىدى

بۈگۈن جيۇجەيگۇدىكى يەر تەۋرەشنىڭ ئالتىنچى كۈنى. سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جيۇجەيگۇدىكى يەر تەۋرەشتە ھازىر يەنىلا ئۈچ كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، ئىككى كىشى يوقاپ كەتكەن. قۇتقۇزۇش ئەترىتى تۈنۈگۈن جيۇجەيگۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان كىشىلەرنى ئىزدىگەن، ئەمما ئۇلارنى تاپالمىغان. تۈنۈگۈن سائەت 16دىن 50 مىنۇت ئۆتكىچە، جيۇجەيگۇدىكى يەرتەۋرەشتە قازا قىلغان كىشى 24 بولۇپ، 20 كىشىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغان، قالغان تۆت كىشىنىڭ سالاھىيىتى تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

جيۇجەي خۇاڭلۇڭ ئايرۇدورومى يولۇچىلارنى توختىتىپ قويماي توشۇپ، يولۇچىلارنى يۆتكەش، تارقاقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىغان، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى، ماددى ئەشيالىرى ۋە ئۇچۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى قاتارلىقلار ئاساسەن مۇقىملاشقان.