جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-پاسات تارقاتقان كىشىلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ..
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-13 14:54

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-پاسات تارقاتقان كىشىلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جيۇجەيگۇ ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم تورداشلار ئىنتېرنېتتا يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-پاسات تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى سىچۈەن، شەنشى قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ توردا پىتنە-پاسات تارقاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت كىشىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلدى، ئالاقىدار دېلولار يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە.

بۇندىن باشقا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ جيۇجەيگۇدىكى يەر تەۋرەشتىن پايدىلىنىپ، توردا ئىئانە توپلاش نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مال-مۈلۈك ئۈندۈرىۋېلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالاقىدار جىنايەت يىپ ئۇچىلىرىنى ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماقتا.