جاڭ گاۋلى 14-نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 10:36

جاڭ گاۋلى 14-نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

14-نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭشىنىڭ نەننىڭدا باشلاندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتلىك سۆز قىلدى.

جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇشتا پۇرسەت، ئەۋزەل جۇغراپىيەۋى شارائىت ۋە ياخشى ئاممىۋى مۇناسىۋەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش سىغدۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش ئەينەك قىلىش، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش تەڭ يېڭىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىقنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەنىدى:تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگو سەمىمىي پايدا يەتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ،شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە 21- ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىشنى خالايدۇ. سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ 2030-يىلغىچە بولغان پىلاننىڭ تۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون ئىستراتېگىيەسى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى باغلاش لازىم. خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا، تور بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە تورغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى پەن تېخنىكا شېرىكلىك پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ساياھەت ھەمكارلىق يىلى پائالىيىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

بىرونى سۇلتانى ھەسىنار، كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خوڭسېن، ۋىيېتنامنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ خېپىڭ، لاۋۇسنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سوڭسەي، قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئاسقار مەمىننوف ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، جاڭ گاۋلى كۆرگەزمىخانىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە ھەسىنال بىلەن بىرلىكتە بىرونى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.