شى جىنپىڭ ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 16:57

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 13-سېنتەبىر سىچۈەننىڭ چىڭدۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ساياھەت ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا ئەينەك قىلىشنىڭ كۆۋرۈكى، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۆپەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم كەسىپ.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ساياھەت كەسپىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوشقان ئۇنىۋېرسال تۆھپىسى %10 دىن ئېشىپ كەتتى.

كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگودا 700 مىليون ئادەم قېتىم چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدۇ. جۇڭگو ئۇزۇن تارىخقا، پارلاق مەدەنىيەتكە ۋە گۈزەل تاغ-دەريا، كۆپ خىل مەنزىرىگە ئىگە دۆلەت. بىز ھەرقايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ دەم ئېلىپ كېتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ساياھەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە پائال رول ئوينىماقتا. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت دەپ بىلىپ، يەر شارى ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.