«پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش» نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 10:06

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 12-، 13-سېنتەبىر شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇنبىرى «<تۆت ئومۇميۈزلۈك> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ 4-مەيدان مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچتى، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش» يىغىننىڭ باش تېمىسى بولدى. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، نەزەرىيە خىزمىتىدىكى «تۆت سۇپا»، شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە ساھەسىدىكى قىسمەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەمدە بىر قىسىم يەرلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 120 نەچچە ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.