جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە بىر بەلباغ، بىر يول رايونى تەسىس قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 10:28

12-سېنتەبىردىن 15-سېنتەبىرگىچە نەننىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 14-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىگە خەلقئارا ئىقتىساد ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى مۇجەسسەملەندى ھەم بىر بەلباغ، بىر يول مەخسۇس كۆرگەزمە رايونى تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىندى.

كۆرگەزمىگە بىر بەلباغ، بىر يولغا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى، قازاقىستان، سىرىلانكا، ھىندىستان، پاكىستان، نېپال، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر كۆرگەزمىگە قاتناشتى. قازاقىستان يەنە بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ھەمكارلىق شېرىكى بولدى، بۇ-يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا قاتناشقۇچى دۆلەتنىڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ھەمكارلىق شېرىكلىكىنى تۇنجى قېتىم ئۈستىگە ئېلىشى بولۇپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ھەمكارلىق رايونىنىڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى رايونىدىن بىر بەلباغ، بىر يول رايونىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.