دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا برۇنېي سۇلتانى ھەسەننال بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 10:51

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا برۇنېي سۇلتانى ھەسەننال بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو برۇنېينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشقانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ، جۇڭگو برۇنېي بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، سىفىرلىق ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مۇداپىئە ۋە قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھەمكارلىقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو برۇنېينىڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتىتپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىۋاتقانلىقىغا ئاپرىن ئېيتىدۇ، بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئۇلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ھازىر، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، پائال تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو برۇنېي ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن جەنۇبىي دېڭىزنى تىنچلىق دېڭىزى، دوستلۇق دېڭىزى، ھەمكارلىق دېڭىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

ھەسەننال مۇنداق دېدى: برۇنېي 2035-يىللىق ئۇلۇغ ئارۇزنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشىنى، برۇنېيغا كېلىپ، مەبلەغ سېلىپ كەسىپ گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ھەسەننالنىڭ شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭلارمۇ تۈنۈگۈن ھەسەننال بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى.