شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن تۈنۈگۈن شىنجىن بېيجىڭ تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 10:54

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن تۈنۈگۈن شىنجىن بېيجىڭ تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا ئايرىم ئايرىم تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈنۈگۈن شىنجىن بېيجىڭ تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا ئايرىم ئايرىم تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ قۇرغان شىنجىن بېيجىڭ تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش، بۇ ئىككى دۆلەت ئادىمىيەت ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم نەتجىسى بولۇپ، مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

پۇتىن تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ بىۋاستە ئالاقىسى يىلدىن يىلغا كېڭىيىۋاتىدۇ، ئۆز ئارا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالماشتۇرۇش ئەمەلىيىتى مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قارشى تەرەپكە ئارامغا بېرىشى دائىمىي ھالەتكە ئايلاندى. ئىشىنىمەنكى، ئىككى داڭلىق مەكتەپ ئاساسىدا قۇرۇلغان رۇسىيە-جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ۋە چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار رۇسىيە ۋە جۇڭگودىن سىرت يەنە پۈتۈن دۇنيادا قارشى ئېلىنىدۇ.