گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 10:55

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 4-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە نۇقتىلىق سىياسەت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ باھا دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. زور ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېقىندا گوۋۇيۈەن 18 ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قارشلىق شەھەرنى تەكشۈردى، ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنى ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى. بۇ جەرياندا بىر قىسىم جايلارنىڭ ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىگەنلىكى، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى قۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىش ۋە بانكىدا ھېساۋات نومۇرى ئاچقۇزۇش قاتارلىقلارنى تەستىقلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكى، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ داۋاملىق نامۇۋاپىق ھەق ئېلىۋاتقانلىقى، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە توسالغۇلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى بايقالدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى "پولات چىۋىق" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن قالاق پولات تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تولۇق تەكشۈرۈشنى؛ بايقالغان ھامان قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدى. ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، كەسىپ جەمئىيەتلىرى، سودا جەمئىيەتلىرىدە كۆرۈلىۋاتقان تەكرار، يۇقىرى ۋە بەك يۇقرى ھەق ئېلىش قىلمىشىنى رەتكە سېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىشنى قەتئىي مەنئىي قىلىشى كېرەك.