15 مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت 2020-يىلى ئىسپىرتلىق بېنزىننى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 18:36

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

"ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى"نىڭ 14-سېنتەبىردىكى نەشرىدە "15 مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت 2020-يىلى ئىسپىرتلىق بېنزىننى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرىدۇ" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 13-سېنتەبىر، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق 15 تارماق بىرلىشىپ "بىيو يېقىلغۇ ئىسپىرتنى ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش، ماشىنىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرتلىق بېنزىننى ئومۇملاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى"نى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلى ئىسپىرتلىق بېنزىننى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2025-يىلى تالالىق ئىسپىرتنى كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش، ئىلغار بىيو سۇيۇقلۇق يېقىلغۇسى تېخنىكىسى، جابدۇق ۋە كەسىپنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بازارلاشقان يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىمىز، دېدى.

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ "تىرىلمە ئېنېرگىيەنىڭ ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانى"دىكى نىشان بويىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزنىڭ بىيو يېقىلغۇ ئىسپىرتىنى يىللىق ئىشلىتىش مىقدارى 10 مىليون توننىغا يېتىدۇ. 2016-يىلى بېنزىننىڭ ئىستېمال مىقدارى 117 مىليون توننا بولدى، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئېلىمىزنىڭ بېنزىن ئىستېمال مىقدارى ھازىرقى ئاساستا يەنە %2لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلايدۇ. ئەگەر پۈتۈن مەملىكەتتە E10 ئىسپىرتلىق بېنزىننى ئومۇملاشتۇرالىساق، بۇنىڭ ئېھتىياجى 11 مىليون 700 مىڭ توننا بولىدۇ.