مۇھىت ئاسراش بېجى پات ئارىدا ئېلىنىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 18:37

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

"ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى"نىڭ 14-سېنتەبىردىكى نەشرىدە "مۇھىت ئاسراش بېجى پات ئارىدا ئېلىنىدۇ" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كېلەر يىلى 1-ئايدا مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىنىدۇ، بۇنىڭغا ئۇزاق ۋاقىت قالمىدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ يېڭى باج تۈرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باج ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، باج ئېلىش ئالدىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي ئىشلەۋېتىپتۇ، بۇ بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئالماشتۇرۇش، باج مەنبىيىنى بىلىش ۋە ئۇچۇردىن بەھرىلىنىش سۇپىسى باج باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدىكەن.

يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا مۇھىت ئاسراش بېجىنى ئېلىشتىن بۇرۇن جايلارنىڭ ئىشلەشكە تېگىشلىك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدىكى كۆپ تارماق ماسلاشقان خىزمەت مېخانىزىمى بەرپا قىلىپ، ھەر قايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش بېجىنى ئېلىش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.